خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات

يېڭىلانغان ۋاقتى: 2021-يىلى 12-ئاينىڭ 15-كۈنى

«خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «بىز» ياكى «خۇاۋېي» دېيىلىدۇ) سىزنى چېنىقىش يېتەكچىلىكى ۋە ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدىغان ئەپتۇر. خۇاۋېي شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداشقا ئىنتايىن كۆڭۈل بۆلىدۇ، قانۇن تەلىپى ۋە كەسىپنىڭ پىشقان بىخەتەرلىك ئۆلچىمىگە ئاساسەن، شەخسىي ئۇچۇرىڭىز ئۈچۈن ماس بىخەتەرلىك قوغداش تەدبىرى تەمىنلەيمىز.

مۇھىم ئەسكەرتمە

تېخىمۇ ياخشى تەنتەربىيە-ساغلاملىقى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، تۆۋەندىكى ئۇچۇرلىرىڭىزنى يىغىمىز: ئاساسىي ماتېرىيالىڭىز (ياش ياكى تۇغۇلغان ۋاقىت، جىنس، بوي ئېگىزلىك، بەدەن ئېغىرلىق)، ھېسابات ئۇچۇرلىرىڭىز (باش سۈرەت، نام، ك-نومۇر جۇغلانما نومۇرى)، تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۇچۇرى (چېنىقىش ئۇچۇرى ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرى)، ئەپ ئۇچۇرى (ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرى، ئەپ ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرى، ھېساباتقا كىرىش ئۇچۇرى، ئىزدەش نەتىجىسى خاتىرىسى)، تور ئۇچۇرى (يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى)، ئورۇن ئۇچۇرى (ئېنىق ئورۇن ئۇچۇرى، ھەرىكەت ئىزى، سىگنال مۇنارى ئۇچۇرى)، ئۈسكۈنە ئۇچۇرى (سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، MAC، IMEI ئادرېسى، سىستېما خاتىرىسى، سىستېمىنى ئىشلىتىش ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنى ئىشلىتىش ئۇچۇرى)، خاسلاشتۇرما ئۇچۇر (قىزىقىش ۋە ھەۋەس) ۋە سىز تەشەببۇسكارلىق بىلەن يۈكلىگەن مەلۇمات (مەسىلە ۋە تەكلىپ، راي سىناشنىڭ تەپسىلاتى). بۇ ئۇچۇرلار چېنىقىش مەلۇماتلىرىنى تېخىمۇ توغرا ھېسابلاشقا ياردەم بېرىدۇ، تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۇچۇرلىرى ئىشلەتكۈچىلەر ئۈچۈن ساقلاش ۋە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئورتاقلىشىپ تېخىمۇ كەسپىي مۇلازىمەتكە ئېرىشىشنى قوللايدۇ، مەسىلەن ئۈچىنچى تەرەپنىڭ يۈرەك گىرافىكىنى چۈشەندۈرۈشى، قەدەم ھېسابلاش ئويۇنى، سۇغۇرتا قاتارلىق مۇلازىمەتلەر. مۇلازىمەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىدىن مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، مەلۇماتنى ئورتاقلىشىشتىن بۇرۇن ئىجازىتىڭىزگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشىمىز.

سىزگە ھەرىكەت خاتىرىلەش ۋە ئۈسكۈنە باغلانما ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز تەمىنلەش ئۈچۈن، «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپى سىستېمىنى ئاچقاندا ئۆزلۈكىدىن قوزغىلىدۇ ھەم سىز بۇ ئەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن، بۇ ئەپ داۋاملىق يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېرنىڭ سەزگۈچىنى زىيارەت قىلىپ قەدەم سانى مەلۇماتىغا ئېرىشىدۇ ھەمدە تورغا ئۇلىنىپ مەلۇمات ماسقەدەملەش، ئۇچۇر قوبۇللاش، ئۈسكۈنە يۇمشاق دېتالى يېڭىلاش ۋە خاتىرىلەرنى يۈكلەش قاتارلىق مۇلازىمەتلەرنى تاماملايدۇ.

تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىز سەزگۈر شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، سىز ئەپتە ئېنىق ماقۇللۇق بىلدۈرگەندىن كېيىن، بىز ئاندىن خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىغا يۈكلەيمىز، بۇ ئەپنى ئۆچۈرۈپ ياكى «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» بېتىگە كىرىپ يۇقىرىدا دېيىلگەن مەلۇمات ۋە ئىقتىدارنى يىغىش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ. يۇقىرىدىكى مەلۇماتلىرىڭىز جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدە ساقلىنىدۇ.

1 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىش ئۇسۇلىمىز

سىز توپلانغان شەخسىي ئۇچۇرلار تىزىملىكىنىڭ تولۇق ئىقتىدار مۇلازىمىتىدىكى شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تېز چۈشىنىۋالسىڭىز بولىدۇ، ھەرقايسى ئىقتىدارلارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش تەپسىلىي ئەھۋالىنى تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشتىن كۆرۈڭ.

تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئارقىلىق سىز ئۈچۈن تۆۋەندىكى كەسىپ ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلەيمىز، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىش جەريانىدا، ئىقتىدار تەمىنلەشتە زۆرۈر بولغان تۆۋەندىكى ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىپ، توختامدىكى مەجبۇرىيىتىمىزنى ئادا قىلىشقا قولايلىق يارىتىمىز. ئەگەر مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، بۇ ئەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر قىلىدۇ.

1.1 ھېساباتقا كىرىش

تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، خۇاۋېي ھېسابى مۇلازىمىتىگە ئاساسەن ھېساباتقا تىزىملىتىش ۋە كىرىش ئىقتىدارىنى تاماملايمىز، خۇاۋېي ھېسابىنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن «خۇاۋېي ھېسابى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» نى ئوقۇغانلىقىڭىزنى جەزملەشتۈرۈپ، مۇناسىپ ھېساباتنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارنى توپلاش، ئىشلىتىش، ئورتاقلىشىش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش ئەھۋالىنى چۈشىنىڭ. كىرگەندىن كېيىن بىز سىزنىڭ ھېسابات ئۇچۇرىڭىز (نام ۋە باش سۈرەت) ۋە ئاساسىي ماتېرىياللىرىڭىز (جىنس ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت) نى ئىشلىتىمىز. نام ۋە باش سۈرەت ئەپتە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، جىنس ۋە تۇغۇلغان ۋاقىت بولسا سىزگە تېخىمۇ ياخشى چېنىقىش تەۋسىيەسى بېرىشكە ئىشلىتىلىدۇ.

شەخسىي جىددىي ئۇچۇرلارنى ماسقەدەملەشنى قوللاش ئۈچۈن، سىز يەنە «مېنىڭ» > «شەخسىي ماتېرىيال» دا «جىددىي شەخسىي ئۇچۇرلار» نى كىرگۈزسىڭىز بولىدۇ، بۇ سىزنىڭ ئىسىم-فامىلىڭىز، ئادرېسىڭىز، قان تىپىڭىز، رېئاكسىيە ئىنكاسىڭىز، دورا، ئەزا تەقدىم قىلغۇچى، دورا ئەھۋالى، دىققەت قىلىدىغان ئىشلار ۋە جىددىي ئالاقىداشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. شەخسىي جىددىي ئۇچۇرىڭىز مۇۋەپپەقىيەتلىك جۈپلەنگەندىن كېيىن بىر قىسىم ئاڭلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەرگە ماسقەدەملىنىدۇ ھەمدە شۇنىڭدا ساقلىنىدۇ، بۇ مەلۇماتلار بۇلۇت تېرمىنالىغا يۈكلەنمەيدۇ.

1.2 تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسىنى باشقۇرۇش

تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرىڭىز (خۇاۋېي ۋە ئۇنىڭ باغلىنىشلىق شىركەتلىرى ئىشلەپچىقارغان ۋە ساتقان بىلەزۈك، قول سائىتى قاتارلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر، تىڭشىغۇچ، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى قاتارلىق تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئېكولوگىيە ئۈسكۈنىلىرى ۋە ئۈچىنچى تەرەپ ئۈسكۈنىلىرى، مەسىلەن يۈرەك رىتىمى ئۈسكۈنىسى، قان بېسىم ئۆلچىگۈچ، قان شېكىرى ئۆلچىگۈچ، بەدەن تېرمومېتىرى، يۈگۈرۈش ماشىنىسى، ئاڭلىق ۋېلىسىپىت، قېيىقچا، سوقۇچاقچا، ئېلېكتىرونلۇق ئاتلىغۇچ قاتارلىقلار) نى باشقۇرۇش ئۈچۈن، بىز ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچىڭىز (MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۇچۇرى، سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە تور ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشىمىز كېرەك. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يىغىشتىكى مەقسەت بولسا كۆكچىش ئۇلىنىشى قۇرۇش، ئۈسكۈنە سەپلىمىسىنى باشقۇرۇش، يۇمشاق دېتال نەشرىنى ئۆستۈرۈش، مەلۇمات مەنبەسىنى كۆرسىتىش، ئېلېكتىرونلۇق كاپالەت كارتىسى ھاسىل قىلىش ھەمدە ئۈسكۈنىنى ئاكتىپلاش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلاش ئۈچۈندۇر، بۇ مەلۇماتلار يەنە تورغا ئۇلىنىش تەسىراتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشكە ئىشلىتىلىدۇ.

تاقىما ئۈسكۈنە بىلەن يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېر ئۇچۇرىنىڭ باغلىنىشىنى قوللاش ئۈچۈن، يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېر كالېندار كۈنتەرتىپى ۋە سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرلىرىنى تاقىما ئۈسكۈنىگە ئوقۇشقا توغرا كېلىدۇ. بۇ مەلۇماتلار خۇاۋېي مۇلازىمىتېرىغا يۈكلەنمەيدۇ، سىز «ئۈسكۈنە» > «ئۈسكۈنە تەپسىلاتى» غا كىرىپ، مەلۇم ئۈسكۈنىنى چېكىپ، ئاندىن «ئۈسكۈنە تەڭشىكى» نى چېكىپ مەلۇماتنى ماسقەدەملەشنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. بىز كۆكچىش ياكى NFC ئارقىلىق تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسى بىلەن ئۇلىنىپ، ئۈسكۈنىنىڭ تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىغا ئېرىشىمىز، سىز ئۇلىنىشنى ئۈزۈش ياكى چىقىرىۋېتىش ئارقىلىق بۇ خىل مەلۇماتلارنى يىغىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

قىسمەن تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسىنى ئۇلىغاندىن كېيىن، تېخىمۇ توغرا مەلۇمات ئۆلچەش بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىز «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىدە «مېنىڭ» > «شەخسىي ماتېرىيال» غا كىرگۈزگەن جىنس، ياش، بوي ئېگىزلىك، بەدەن ئېغىرلىقىڭىز ئۈسكۈنىلەر (مەسىلەن بىلەيزۈك، سائەت، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى قاتارلىقلار) گە ماسقەدەملىنىدۇ.

سۆزلىشىش ئىقتىدارىنى قوللايدىغان قىسمەن تاقىما ئۈسكۈنىلەردە يانفون/تاختا كومپيۇتېردىكى ئالاقىداشلار ئۇچۇرى ۋە سۆزلىشىش خاتىرىسى كۆرسىتىلىپ، تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ تېلېفون قوبۇللاش ۋە تېلېفون ئۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىلىدۇ. قىسمەن تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئېكولوگىيەسى تۈرىدىكى ئۈسكۈنىلەر يۈرەك رىتىمى ياكى كەيپىيات كۆرسەتكۈچىنى تەكشۈرۈشنى قوللايدۇ، سىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەسىراتىغا ئىگە بولۇشىڭىز ئۈچۈن، بۇ ئەپ يۈرەك رىتىمى مەلۇماتىنى تىڭشىغۇچقا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

قىسمەن تاقىما ئۈسكۈنىلەرنىڭ ئاستى كۇنۇپكىسىنى ئۇزۇن بېسىش ئارقىلىق «ئاڭلىق ئاۋاز» ئىقتىدارىنى ئاچقىلى بولىدۇ. ئاۋازلىق ئالاقە مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ھەمدە ئاۋازلىق بۇيرۇقىڭىزغا ئاساسەن ھاۋارايى تەكشۈرۈش، ئاڭلىق ئۆي ئۈسكۈنىسىنى تىزگىنلەش، خۇاۋېي مۇزىكىسىنى قويۇش ھەمدە تاقىما ئۈسكۈنە يەرلىك ئەپىنى ئېچىش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تاماملاش ئۈچۈن، سىزنىڭ ھېسابات ئۇچۇرىڭىز، ئاۋازلىق بۇيرۇق، ئالاقىداش تىزىملىكى ھەمدە ئاۋازلىق ئالاقىگە زۆرۈر بولغان ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى «ئاڭلىق ئاۋاز ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

قىسىمەن تاقىما ئۈسكۈنىلەر ئۈسكۈنىدە تۆلەش، تەگكۈزۈپ يوللاش ۋە ئاچقۇچ كارتا ئىقتىدارىنى قوللاش ئۈچۈن NFC نى زىيارەت قىلىپ بانكا كارتىسى، خەتكۈچ كارتا ياكى ئاچقۇچ كارتا ئۇچۇرىنى ئوقۇشى ھەمدە بانكا كارتىسى، قاتناش كارتىسى، خەتكۈچ كارتا ياكى ئاچقۇچ كارتىنى ئېچىشى ۋە باشقۇرۇشى كېرەك. يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسى ئۇچۇرى، ھېسابات ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (IMEI ،MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ئۇچۇرلىرىڭىز كارتا تارقاتقان ئورگانغا ياكى كارتا تارقاتقان ئورۇن ئىجازەت بەرگەن مۇلازىمەت تەمىنلىگۈچىگە تەمىنلىنىپ، كارتا سەپلەش ۋە خەتەرنى تىزگىنلەش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى «خۇاۋېي ھەميانى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» ۋە مۇناسىپ كارتا تارقاتقان ئورگاننىڭ مۇلازىمەت ئېچىش كېلىشىمىدىن كۆرۈڭ.

بىر قېسىم ئاڭلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر eSIM كارتا ئېچىش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، قول سائەتنىڭ ICCID، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (IMEI ،MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى يۈرۈتكۈچى يوللاپ، eSIM كارتىنى ئاكتىپلاش ۋە ئىشلىتىشكە ئىشلىتىلىدۇ، ئاچقۇزغاندىن كېيىن ئاڭلىق تاقىما ئۈسكۈنىلەر بىۋاسىتە تورغا ئۇلىنىش، تېلېفون ئېلىش ۋە ئۇرۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى تاماملىيالايدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈلۈشىنى كونكرېت يۈرۈتكۈچىنىڭ مۇناسىپ كارتا ئېچىش مۇلازىمىتىنىڭ ئالاقىدار كېلىشىمىدىن كۆرۈڭ.

ئۈچىنچى تەرەپ چېنىقىش ئۈسكۈنىسىنى ئۇلىغاندا، يۈرەك رىتىمى مەلۇماتىڭىز ۋە قەدەم سانىڭىز چېنىقىش ئۈسكۈنىسىگە يەتكۈزۈلۈپ، شۇ ئارقىلىق چېنىقىش ئۈسكۈنىلىرىنىڭ بۇ مەلۇماتلارنى نەق ۋاقىتتا كۆرسىتىشىگە قولايلىق يارىتىشى مۇمكىن. چېنىقىش ئۈسكۈنىسىدە ئۈچىنچى تەرەپ ھېساباتىغا كىرگەن بولسىڭىز، چېنىقىش ئۈسكۈنىسى چېنىقىش ئۇچۇرىڭىزنى ساقلايدۇ ھەم ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتېرىغا يۈكلەيدۇ. مۇلازىمەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۈچىنچى تەرەپ يۇمشاق دېتالىدىن مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. Wi-Fi بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى WLAN ئارقىلىق مۇلازىمىتېرغا بىۋاسىتە ئۇلىنىپ، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسىدا ئۆلچەنگەن ساغلاملىق ئۇچۇرى (مەسىلەن بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەندىكى ماي، يۈرەك رىتىمى ۋە بېسىم مەلۇماتى) ۋە ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى ئارقىلىق خۇاۋېي بۇلۇتىغا بىۋاسىتە يۈكلىنىدۇ ھەمدە «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» دا كۆرگىلى بولىدۇ، بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسىنى باغلاقتىن يېشىش ئارقىلىق بۇ مەلۇماتنىڭ يۈكلىنىشىنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سىز Wi-Fi بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسىنى باشقا ئىشلەتكۈچى (تۆۋەندە «تارماق ئىشلەتكۈچى» دېيىلىدۇ) گە ئورتاقلاشسىڭىز، ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىش ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش ئۈچۈن، بىز تارماق ئىشلەتكۈچىنىڭ نام، ھېسابات ئۇچۇرى ۋە ئۆلچەش مەلۇماتى ھەمدە سىز ئورتاقلاشقان توپ ئۇچۇرى (ئورتاقلاشقان ئۈسكۈنىنىڭ ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچىسى، ئىشلەتكۈچىنىڭ نامى ۋە ھېسابات ئۇچۇرى) نى خۇاۋېي بۇلۇتىغا يۈكلەيمىز. ئەگەر ئۆلچەش مەلۇماتىنىڭ قايسى تارماق ئىشلەتكۈچىگە تەۋە ئىكەنلىكىنى پەرقلەندۈرەلمىسە، Wi-Fi بەدەندىكى ماينى ئۆلچەش تارازىسى بەدەن ئېغىرلىق مەلۇماتىنى بىرلا ۋاقىتتا توپتىكى بىر نەچچە ھېساباتقا يۈكلەيدۇ، ئىشلەتكۈچى ئۆزىنىڭ مەلۇماتى ياكى ئەمەسلىكىنى ئۆزى پەرقلەندۈرىدۇ. ئۈسكۈنە ئورتاقلىشىشنى خالىمىسىڭىز، تارماق ئىشلەتكۈچى قوشماڭ، بۇ باشقا ئىقتىدارلارنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

روڭياۋ تېرمىنال چەكلىك شىركىتىنىڭ تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسىگە ئۇلانغاندا، «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» پەقەت ئۈسكۈنە يېڭىلاش يولىنى تەمىنلەيدۇ، ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتال نەشرىنى ئۈسكۈنىنى ئىشلەپچىقارغان زاۋۇت تەمىنلەيدۇ، ئىشلەپچىقارغۇچى زاۋۇت نەشرىنىڭ سۈپىتى ۋە يېڭىلاش نەتىجىسىگە مەسئۇل بولىدۇ. قىسمەن ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالنى ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرۈپ يېڭىلاش ئىقتىدارىنى قوللايدۇ، ئاپتوماتىك تەكشۈرۈش ئىقتىدارىنى قوزغاتقاندىن كېيىن، ئۈسكۈنە ئۇيۇل دېتالنىڭ يېڭى نەشرىنى ئۆزلۈكىدىن تەكشۈرىدۇ ۋە چۈشۈرىدۇ. «ئۈسكۈنە» بېتىدە ماس ئۈسكۈنىنى تاللاپ، تەڭشەك تەپسىلاتى بېتىگە كىرىپ، «ئۇيۇل دېتال يېڭىلاش» نىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى تەڭشەك كۇنۇپكىسىدىن «WLAN دە يېڭىلاش بوغچىسىنى ئاپتوماتىك چۈشۈرۈش» ئىقتىدارىنى ئاچالايسىز ياكى ئېتەلەيسىز، «WLAN دە يېڭىلاش بوغچىسىنى ئاپتوماتىك چۈشۈرۈش» ئىقتىدارىنى ئەتكەندىن كېيىن، يېڭىلىغىلى بولىدىغان نەشرىنى قولدا تەكشۈرەلەيسىز. ئۈسكۈنىڭىزنىڭ نامى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە خاتىرىسى ۋە ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۇچۇرلىرىمۇ ئاكتىپلاش ئىستاتىستىكىسىنى تاماملاش ۋە تاقىما ئۈسكۈنە مەسىلىسىنى تەھلىل قىلىشقا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن روڭياۋ تېرمىنال چەكلىك شىركىتى مۇلازىمىتېرىغا يۈكلىنىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى «روڭياۋ ئۈسكۈنىسى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

خۇاۋېي تاقىما ئۈسكۈنىلىرى مۇۋەپپەقىيەتلىك جۈپلەنگەندىن كېيىن، «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ۋە خۇاۋېي تاقىما ئۈسكۈنىلىرى بىلەن جۈپلىنىپ ئالاقە قىلغان ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ئارقىلىق ئۈسكۈنىلىرىڭىزنىڭ ئىختىيارى پەرقلىگۈچ (جۈپلەپ قايتا بېكىتكىلى بولىدۇ ھەمدە ھەربىر ئەپ ئۈچۈن بىردىنبىر)، ئۈسكۈنە نامى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى ۋە ھالىتى (توك قاچىلىنىۋاتقان ياكى ئىشلىتىلىۋاتقان) قاتارلىق مەلۇماتلارغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ سىزنىڭ جۈپلەنگەن تاقىما ئۈسكۈنىڭىزگە ئۇچۇر ياكى ئۇقتۇرۇش يوللىيالايدۇ؛ سىزنىڭ ئېنىق ئىجازىتىڭىزگە ئاساسەن، بۇ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپ ئۈسكۈنىنىڭ سەزگۈچ مەلۇماتلىرى (يۈرەك رىتىمى، ئېلېكتىروكاردىئوگراممائۇيقۇ ھالىتى (ئويغىنىش ياكى ئۇخلاش)، چېنىقىش تۈرى (مېڭىش، يۈگۈرۈش)، يۈرەك رىتىمى نورمالسىزلىقى ئاگاھلاندۇرۇشى، تاقاش ھالىتى مەلۇماتىنى زىيارەت قىلسا بولىدۇ. سىز «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىنىڭ «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «ئۈسكۈنە ئىقتىدارى» دىن مۇناسىپ ئۈچىنچى تەرەپ ئەپنى تاللاپ، ھوقۇق بېرىشنى باشقۇرسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر تاقىما ئۈسكۈنىڭىز ھاۋارايى ئىقتىدارىنى قوللىسا، بىز ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى ھاۋارايى مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىگە يوللاپ، سىز تۇرۇشلۇق رايوننىڭ ھاۋارايى ئۇچۇرىغا ئېرىشىش ۋە تاقىما ئۈسكۈنىدە كۆرسىتىشكە ئىشلىتىمىز، بۇ ئەپنىڭ ئۈسكۈنە باشقۇرغۇچىدىن ھاۋارايى مەلۇماتى ئىقتىدارىنى ئېتىش ئارقىلىق مەزكۇر ئورتاقلىشىشنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.

1.3 تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش

1.3.1 شەخسىي ماتېرىيال باشقۇرۇش

شەخسىي ماتېرىيال مەلۇماتىڭىزنى باشقۇرۇش ۋە چېنىقىش ئۇچۇرىنىڭ توغرىلىقىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، جىنس، تۇغۇلغان ۋاقىت، بەدەن ئېگىزلىكى، بەدەن ئېغىرلىقى، قىزىقىش ۋە ھەۋەس، چېنىقىش تەڭشىكى مەلۇماتى (مەسىلەن چېنىقىش نىشانى، يۈرەك رىتىمى بۆلىكى، خەلقئاراچە ۋە ئەنگلىيەچە ئۆلچەم تەڭشىكى) قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان شەخسىي ماتېرىياللىرىڭىزنى يىغىشىمىز كېرەك. سىز «مېنىڭ» > «شەخسىي ماتېرىيال» غا كىرىپ يازسىڭىز ياكى ئۆزگەرتسىڭىز بولىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، چېنىقىش ئۇچۇرىنى ھېسابلاشنىڭ توغرىلىقىغا تەسىر يېتىدۇ، ئەمما شەخسىي ماتېرىيالنى باشقۇرۇش ئىقتىدارىنى يەرلىكتە ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتمەيدۇ. سىز «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «بۇلۇتقا شەخسىي ئۇچۇر ماسقەدەملەش» كە كىرىپ «خۇاۋېي ساغلاملىق بۇلۇتىغا مەلۇمات يۈكلەش» نى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

1.3.2 ھەرىكەت مەلۇماتىنى باشقۇرۇش

چېنىقىش ئۇچۇرىڭىزنى خاتىرىلەش، زاپاسلاش ۋە باشقۇرۇش ئۈچۈن، ئورۇن ئۇچۇرى، ھەرىكەت ئىزى، چېنىقىش تۈرى، چېنىقىش ۋاقتى، يۈگۈرۈش شەكلى، قەدەم سانى، ئارىلىق، كالورىيە، ئۆرلەش، ئەڭ چوڭ ئوكسىگېن قوبۇل قىلىش مىقدارى، ھەرىكەت قىلغاندىكى يۈرەك رىتىمى، تېزلىك، يانتۇلۇق، مىنىش رىتىمى، قۇۋۋەت، قارشىلىق، پالاق رىتىمى، سەكرەش سانى، پۇتلىشىش سانى ھەم باشقا چېنىقىش ئۇچۇرى قاتارلىقلارنى يىغىمىز. چېنىقىش تۈرى مېڭىش، يۈگۈرۈش، ۋېلىسىپىت مىنىش، تاغقا يامىشىش، سۇ ئۈزۈش، تۆمۈر ئادەم ئۈچ تۈرى، ۋاسكېتبول، قار تېيىلىش، گولف توپ قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يىغىشتىكى مەقسەت بولسا كۈندىلىك چېنىقىش ئۇچۇرىڭىز ۋە ئىزىڭىزنى خاتىرىلەپ ۋە ئىستاتىستىكىلاپ، سىزنى مول چېنىقىش مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.

بۇ مۇلازىمەتتە بىر قېتىملىق دالا ھەرىكىتى قوللىغان ئىز خاتىرىلەش ئىقتىدارىنىڭ تەمىنلىگۈچىسى: گاۋدې يۇمشاق دېتال شىركىتى، خۇاۋېي يۇمشاق دېتال تېخنىكا چەكلىك شىركىتى، گۇگۇل شىركىتى. بۇ مۇلازىمەتنى ئىشلىتىش ئۈچۈن ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى يىغىشى ھەمدە ئۇنى خەرىتە مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىگە تەمىنلىشى كېرەك. بەزى خەرىتىلەرگە يەنە ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچىڭىز ۋە تور ئۇچۇرى تەمىنلىنىشى كېرەك، كونكرېت مەلۇماتلارنى توپلاش ۋە بىر تەرەپ قىلىشنى ئۈچىنچى تەرەپ مەخپىيەتلىك تۈزۈمى باشقۇرىدۇ، ئالاقىدار خەرىتە مۇلازىمىتى تەمىنلىگۈچىنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن پايدىلىنىڭ.

بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، چېنىقىش ئۇچۇرىنى بۇلۇتتا ساقلىغىلى بولمايدۇ، ئەپنى ئۆچۈرسىڭىز ياكى ئۈسكۈنە ئالماشتۇرسىڭىز، چېنىقىش ئۇچۇرى يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇ چېنىقىش ئۇچۇرى خاتىرىلەش ئىقتىدارنى يەرلىكتە ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. سىز «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «بۇلۇتقا چېنىقىش ئۇچۇرى ماسقەدەملەش» كە كىرىپ «خۇاۋېي ساغلاملىق بۇلۇتىغا مەلۇمات يۈكلەش» نى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

1.3.3 ساغلاملىق مەلۇماتىنى باشقۇرۇش

ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش ۋە مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلىرىڭىزنى كۆرسىتىش ئۈچۈن، ئۇيقۇ، يۈرەك رىتىمى، قاندىكى ئوكسىگېن، قان بېسىمى، قان شېكىرى، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، بەدەندىكى ياغ، ئاياللارنىڭ ئادەت دەۋرى، ئېلېكتىروكاردىئوگرامما مەلۇماتلىرىنى يىغىشىمىز كېرەك. بەدەندىكى ماي مەلۇماتىنىڭ تەپسىلىي مەزمۇنى ئۈسكۈنىنىڭ يىغىش ئىقتىدارىغا تايىنىدۇ، بەلكىم بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەندىكى ماينىڭ نىسبىتى، قارشىلىق، BMI، مۇسكۇل مىقدارى، ئاساسىي ماددا ئالمىشىش، سۇ ئېغىرلىقى، سۇ نىسبىتى، ئىچكى ئەزا ماي دەرىجىسى، سۆڭەك مىنېرالى، ئاقسىل نىسبىتى، يېشى، سۆڭەك مۇسكۇلى، سۆڭەك مۇسكۇلى ئېغىرلىق كۆرسەتكۈچى، ماي تەڭپۇڭلۇقى، مۇسكۇل تەڭپۇڭلۇقى، بەدەن شەكلى، بەل بىلەن كاسىنىڭ نىسبىتى، بەدەن تىپى، بەدەننىڭ ئېرىشكەن نومۇرى ھەم باشقا ئۆلچەش ھېسابلاش مەلۇماتى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. يۈرەك رىتىمى مەلۇماتى چېنىققاندىكى يۈرەك رىتىمى، كۈندىلىك يۈرەك رىتىمى ۋە يۈرەك رىتىمى مەلۇماتى ئانالىزىدىن ھاسىل بولغان بېسىم قاتارلىق مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. بەل-ساغرا نىسبىتى بولسا كەلتۈرۈپ چىقارغان بەل-ساغرا نىسبىتى ۋە قولدا تۈزەتكەن بەل-ساغرا نىسبىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. چېنىقىش ئۇچۇرى شەخسىي سەزگۈر ئۇچۇرغا تەۋە بولۇپ، بۇ خىل ئۇچۇرلارنى يىغىشتىكى مەقسەت بولسا ساغلاملىققا ئائىت مەلۇماتلارنى ئۆلچەش، خاتىرىلەش، كۆرسىتىش ۋە ئىستاتىستىكا قىلىش ئارقىلىق، سىزنى مول ساغلاملىق مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈندۇر.

بۇ ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، ساغلاملىق ئۇچۇرىنى بۇلۇتتا ساقلىغىلى بولمايدۇ، ئۆچۈرسىڭىز ياكى ئۈسكۈنە ئالماشتۇرسىڭىز، ساغلاملىق ئۇچۇرى يوقىلىپ كېتىدۇ، ئەمما بۇ «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» نىڭ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش ئىقتىدارنى يەرلىكتە ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ. سىز «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «بۇلۇتقا ساغلاملىق ئۇچۇرى ماسقەدەملەش» كە كىرىپ ساغلاملىق ئۇچۇرىنى يىغىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ.

1.4 مەسىلە ۋە تەكلىپ

مەھسۇلات سۈپىتىنى ياخشىلاش ۋە ئىشلىتىش تەسىراتىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۇچۇرى، سىستېما ئىشلىتىش ئۇچۇرى ۋە تاقىغۇچنىڭ ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۇچۇرىنى يىغىشىمىز كېرەك، بۇ ئەپتە ئاچقان بەت ۋە چەككەن كۇنۇپكا، ئەپ ۋە ئۈسكۈنە ئىقتىدارىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئۈسكۈنە ۋە ئەپنىڭ ئىشلىتىلىش ئەھۋالىنى ئىستاتىستىكىلاپ تەھلىل قىلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. يۇقىرىقى ئۇچۇرلارنى پەقەت ئومۇمىي ھالەتتە تەھلىل قىلىدۇ، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزغا كۆڭۈل بۆلمەيدۇ، ئىشلىتىپ بولغاندىن كېيىن بارلىق مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتنى ئۆچۈرىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى خالىمىسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئانالىز ۋە ياخشىلاش» تىن بۇ ئىقتىدارنى ئېتىڭ، بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقىلار ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئەپ ئىشلىتىلىۋاتقاندا مەسىلە چىقسا، «مەسىلە ۋە تەكلىپ» ئارايۈزىدە بىزگە ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ، مەسىلە تەپسىلاتى ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى كىرگۈزۈپ، سىستېما خاتىرىسى (ئۈسكۈنىنىڭ سىستېما خاتىرىسىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) نى يۈكلىشىڭىز كېرەك. خاتىرە شەخسىي ئۇچۇرىڭىز (چېنىقىش تۈرى، چېنىقىش ۋاقتى، يۈگۈرۈش شەكلى قاتارلىق چېنىقىش ئۇچۇرلىرى) نى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇشى مۇمكىن، ئەمما ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىز ۋە بىۋاسىتە سالاھىيىتىڭىزنى پەرقلەندۈرىدىغان ئۇچۇرلار (مەسىلەن ھېسابات قاتارلىقلار) نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ. مەسىلىنى تېزدىن ھەل قىلىشىمىزغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن، بىز يەنە سىستېمىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ ۋە سىستېمىنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرىنى يىغىشىمىز كېرەك. يۈكلىگەن خاتىرە ۋە ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى پەقەت ئالاقە باغلاش ۋە مەسىلە ئورنىنى بەلگىلەشكە ئىشلىتىلىدۇ، مەلۇمات ساقلاش مۇددىتى توشقاندا ئۆزلۈكىدىن ئۆچۈرۈلىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، ئاچقۇچىلار يولۇققان مەسىلىڭىزنى ھەل قىلالماسلىقى مۇمكىن، ئەمما بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. مۇلازىمەت سۈپىتىمىزنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ (MAC ئادرېسىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى (مەسىلەن ئۈسكۈنە تىپى قاتارلىق)، سىستېما ئاساسىي ئۇچۇرى (مەسىلەن دۆلەت كودى سەپلەش قاتارلىق) نى يىغىش ئارقىلىق قەرەلسىز ھالدا راي سىناش سوئالى ئەۋەتىپ، مەھسۇلاتىمىزنى ياخشىلايمىز. سوئال مەزمۇنىدا بەزى شەخسىي ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىشىڭىز كېرەك، شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى توپلاش ۋە ئىشلىتىشىمىز ھەققىدە راي سىناشنىڭ ئۆزىدە كونكرېت چۈشەنچە بېرىمىز ۋە ئىجازىتىڭىزنى ئالىمىز، راي سىناشقا قاتنىشىشنى خالىمىسىڭىز، راي سىناش سوئالى بىلەن كارىڭىز بولمىسۇن، نورمال ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر كۆرسەتمەيدۇ.

1.5 ئەزالىق مۇلازىمىتى

خۇاۋېي ھېسابىغا كىرگەندىن كېيىن، تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئەزالىق مۇلازىمىتىنى ئاچسىڭىز ھەمدە ھەقلىق ئەزالىققا مۇشتەرى بولسىڭىز بولىدۇ، ھەقلىق مۇشتەرى بولۇش خاتىرىڭىزنى، ئەزالىق ھالىتى ۋە ئىمتىيازىڭىزنى توپلاپ ھەرۋاقىت كۆرۈشىڭىزگە قولايلىق يارىتىمىز ھەمدە مەزمۇننىڭ نەشر ھوقۇقىنى قوغداشقا ئىشلىتىمىز.

سىز مۇشتەرى بولغان ئەزالىق مۇلازىمىتى ھەمكارلاشقۇچىلار تەمىنلىگەن ھوقۇق-مەنپەئەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندا، ھېسابات باغلاش ئارقىلىق كۆپ ئەزالىقنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئۆزئارا ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ ۋاقىتتا بىز خۇاۋېي ھېسابى تىزىملاتقاندا باغلىغان ئالاقىلىشىش تېلېفونىنى بۇ ھەمكارلاشقۇچىغا ئورتاقلىشىپ، ھوقۇق مەنپەئەتنى ئۆزئارا ئىشلىتىشنىڭ ئاساسى قىلىمىز. تەپسىلاتىنى مۇناسىپ ھېسابات باغلاش كېلىشىمىدىن ئوقۇڭ.

مۇناسىپ ھوقۇق-مەنپەئەت، مەۋھۇم بۇيۇم ياكى مەۋھۇم مۈلۈككە ئېرىشىش ئۈچۈن تەنتەربىيە-ساغلاملىقتا ئەزالىق سېتىۋالالايسىز ياكى ئالماشتۇرالايسىز. يۇقىرىقى مۇلازىمەتنى تەمىنلىگەندە، خۇاۋېي ھېسابىڭىزنىڭ ئۇچۇرىنى ئىشلىتىپ سالاھىيىتىڭىزنى پەرقلەندۈرىمىز، زاكازىڭىزنى قۇرىمىز ۋە ساقلايمىز، تۆلەش ئۇچۇرىڭىزنى يىغىمىز ھەمدە سىزگە مۇناسىپ ھوقۇق-مەنپەئەت، مەۋھۇم بۇيۇم ياكى مەۋھۇم مۈلۈك بېرىمىز ۋە ياكى تۆلەش نەتىجىسىنى ئۈچىنچى تەرەپكە ئورتاقلىشىمىز. بۇنىڭ ئىچىدە، مەۋھۇم مۈلكىڭىز سەزگۈر مەلۇماتقا تەۋە بولۇپ، بىز قاتتىق قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللىنىپ مۈلۈك مەلۇماتلىرىڭىزنىڭ توغرىلىقى ۋە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىمىز.

1.6 خۇاۋېينىڭ كۆپ ئەپلەر ئارا باغلانما مۇلازىمىتى

ئەگەر سىز خۇاۋېي يانفونى ياكى تاختا كومپيۇتېر ئىشلەتسىڭىز ، چېنىقىش سانلىق مەلۇماتلارنى (قەدەم سانى، چېنىقىش ئارىلىقى، كۆيگەن ئىسسىقلىق ئېنېرگىيىسى، ئۆرلەش قاتارلىقلار) سىستېما قوللىنىشچان پروگراممىسىغا (ئېكران قۇلۇپى ، ئۇقتۇرۇش بالدىقىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەمىنلەيمىز. ئەگەر ھېسابات ئارقىلىق «ئاڭلىق ياردەمچى · بۈگۈن» (ئاڭلىق مۇھىت، ئاڭلىق تەۋسىيە قاتارلىقلار) گە كىرسىڭىز ياكى چوڭ ئېكرانلىق ئۈسكۈنىدە تەنتەربىيە-ساغلاملىق كارتىسىنى قوشسىڭىز، بۇ مۇلازىمەت سىزنىڭ ئوخشاش ھېساباتتىكى چېنىقىش ئۇچۇرىڭىز (قەدەم سانى، ھەرىكەت ئارىلىقى، خورىغان كالورىيە قاتارلىقلار) نى «ئاڭلىق ياردەمچى · بۈگۈن» گە تەمىنلەش ئارقىلىق چېنىقىش مەلۇماتىڭىزنى كۆرسىتىشكە قولايلىق يارىتىدۇ. تەنتەربىيە-ساغلاملىق كارتىسىنى ئۆچۈرۈش ياكى «ئاڭلىق ياردەمچى · بۈگۈن» نىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى قايتۇرۇۋېلىش ئارقىلىق مەلۇمات ئاشكارىلاشنى توختىتالايسىز. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلەرنى «ئاڭلىق ياردەمچى . بۈگۈن ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

ئەگەر ھېسابات ئارقىلىق «ئاڭلىق تۇرمۇش» ئەپىگە كىرسىڭىز، بۇ مۇلازىمەت سىزنىڭ ئوخشاش ھېساباتتىكى تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسى ئۇچۇرىڭىز (ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، ئۈسكۈنە ئىشلىتىش ئۇچۇرى قاتارلىقلار)، ئاساسلىق شەخسىي ئۇچۇر (باش سۈرەت، نام، ياش قاتارلىقلار)، ئۈسكۈنە ئۆلچىگەن مەلۇمات (بەدەن ئېغىرلىقى، بەدەندىكى ياغ نىسبىتى قاتارلىق) لارنى «ئاڭلىق تۇرمۇش» قا ئېچىۋېتىش ئارقىلىق تاقىما ئۈسكۈنىلىرىڭىزدە كۆرسىتىش ۋە باشقۇرۇشىڭىزغا قولايلىق يارىتىدۇ. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشلەرنى «تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىنى ماسقەدەملەش مۇلازىمىتى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، سىزگە تۆۋەندىكى كەسىپ ئىقتىدارلىرىنى تەمىنلەيمىز ھەم مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىمىز.

1.7 تەنتەربىيە-ساغلاملىق قوشۇلما مۇلازىمىتى

ئادەت دەۋرىيلىكى مۇلازىمىتى: مۇلازىمەتلەرنى ئەگەر سىز «خۇاۋېي ئادەت كالېندارى» تېز ئەپى «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىنى باغلىسىڭىز، ئادەت دەۋرىيلىكىنى ئالدىن مۆلچەرلەش، خاتىرىلەش ۋە ئەسكەرتىش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ ئادەت دەۋرىيلىكى مەلۇماتىڭىزنى بىر تەرەپ قىلىمىز.

يۈرەك گىرافىكىنى توپلاش ۋە چۈشەندۈرۈش مۇلازىمىتى: ئەگەر سىز «يۈرەك سوقۇش ئۇچۇرىنى يىغقۇچ» تېز ئەپى ۋە «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىنى باغلىسىڭىز، بىز سىزنىڭ ئېلېكتىروكاردىيوگرامما مەلۇماتىڭىزنى خاتىرىلەيمىز ۋە زاپاسلايمىز. «يۈرەك گىرافىكى» تېز ئەپىدە «يۈرەك گىرافىكىنى چۈشەندۈرۈش» مۇلازىمىتىنى ئۈچىنچى تەرەپ دۆلەتلىك يىراق مۇساپىلىك داۋالاش ۋە ئالاقە تورى تېببىي مەركىزى ۋە جېجياڭ خاۋلوۋېي داۋالاش تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى ئورتاق تەمىنلەيدۇ. بىز مۇناسىۋەتلىك مۇئامىلە خاتىرىڭىزنى توپلايمىز، مۇلازىمەتنى ئېچىشتىن بۇرۇن ئۈچىنچى تەرەپ بېتىدە مەزكۇر مۇلازىمەتنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ چىقىڭ. بۇنىڭدىن باشقا، مەلۇماتنى ئورتاقلىشىشتىن بۇرۇن ئىجازىتىڭىزگە يەنە بىر قېتىم ئېرىشىمىز، سىز ئۈچىنچى تەرەپ بېتىدىن بۇ مەلۇماتلارنى كۆرسىڭىز ۋە باشقۇرسىڭىز، بۇ ئىجازەتلەرنى بىكار قىلسىڭىز بولىدۇ.

چېنىقىشقا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىش مۇلازىمىتى: مەشىق دەرسى ۋە مەشىق پىلانى مۇلازىمىتىنىڭ چېنىقىشىڭىزغا ئىلمىي يېتەكچىلىك قىلىشى ئۈچۈن، بىز سىزنىڭ بۇرۇنقى چېنىقىش خاتىرىڭىز (چېنىقىش تۈرى، چېنىقىش ۋاقتى، كالورىيە، ھەرىكەت قىلغاندىكى يۈرەك رىتىمى ۋە ئەڭ چوڭ ئوكسىگېن قوبۇل قىلىش مىقدارى قاتارلىقلار) گە ئاساسەن يەرلىكتە تەھلىل قىلىپ، چېنىقىش جەريانىدا «ئاڭلىق تىرېنېر» ئاۋازلىق يېتەكچىسى بىلەن تەمىنلەيمىز. بۇ ئىقتىدارنى ئەتمەكچى بولسىڭىز، ئەپ ئارقىلىق «ھەرىكەت» قا كىرىپ، ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى سىنبەلگىنى چېكىپ، «تەڭشەك» > «ئاۋازلىق ئاڭلىتىش» قا كىرىپ ئەتسىڭىز بولىدۇ.

ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى: سىزگە مۇلازىمەت ئەۋەتكەن ئۇچۇرنى ۋاقتىدا قوبۇل قىلىش ئۈچۈن، «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپى «ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى» ئارقىلىق ئۇچۇر يوللاش ئىقتىدارىنى تەمىنلەيدۇ. كەسىپنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، «ئۇقتۇرۇش مۇلازىمىتى» ئىشلەتكۈچىنىڭ IP ئادرېسى (ساقلىمايدۇ) ۋە ئۇچۇر يوللاش، بېرىش، كۆرۈنۈش، چېكىش ۋە ئۆچۈرۈش خاتىرىسىنى يىغىدۇ ھەمدە ئۇنى «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىگە ئورتاقلىشىدۇ. تەنتەربىيە-ساغلاملىققا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر، مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش ئۈچۈن، سىزگە خەۋەرلىك ئۇچۇر يوللايمىز. بۇ خىل سىستېما ئۇقتۇرۇشى سىزنىڭ شەخسىي مەلۇماتىڭىزنى ئانالىز قىلمايدۇ، ئەگەر بۇ خىل ئۇچۇرلارنى قوبۇل قىلىشنى خالىمىسىڭىز، ئەپتىكى «مېنىڭ» > «تەڭشەك» > «ئۇچۇر باشقۇرۇش» تىن مۇناسىپ ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.

«ئائىلە بوشلۇقى» مۇلازىمىتى: «ئائىلە بوشلۇقى» ئىقتىدارى ئائىلە ئەزالىرى، ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلەر ئارىسىدا چېنىقىش خاتىرىسى (قەدەم سانى، چېنىقىش ۋاقتى، ھەرىكەت ئارىلىقى، خورىغان كالورىيە) ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرى (كۈندىلىك يۈرەك رىتىمى، قان بېسىمى، قان شېكىرى، قاندىكى ئوكسىگېن، ئۇيقۇ، بېسىم، بەدەن تېمپېراتۇرىسى، يۈرەك گىرافىكىنى چۈشەندۈرۈش نەتىجىسى، بەدەن ئېغىرلىقى، يېمەك-ئىچمەك خاتىرىسى) نى قولاي، بىۋاسىتە بەھرىمەن ئورتاقلىشىشنى قوللايدۇ. «ئائىلە بوشلۇقى» دىكى باشقا ئىشلەتكۈچىلەر سىز ئورتاقلىشىشقا ئىجازەت بەرمىگەن مەلۇماتنى كۆرەلمەيدۇ، «ئائىلە بوشلۇقى» دىن چېكىنىش ئارقىلىق بۇ مەلۇماتنى ئورتاقلىشىشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ. «ئائىلە بوشلۇقى» يەنە سىز ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى سىزگە كۆڭۈل بۆلىدىغان ئۆيدىكىلىرىڭىزگە ئورتاقلىشىشنى قوللايدۇ، ئورۇن ئۇچۇرى كۆرۈلگەندە، ئەگەر قول سائەت بىلەن ئەپ ئۇلانغان بولسا، ئورۇن ئۇچۇرى ئەپ ئارقىلىق بۇلۇت تېرمىنالىغا مەلۇم قىلىنىدۇ؛ ئەگەر قول سائەت ئايرىم ئىشلىتىلگەن بولسا، ئورۇن ئۇچۇرى قول سائەت ئارقىلىق بۇلۇت تېرمىنالىغا مەلۇم قىلىنىدۇ. ئەگىشىش ئىلتىماسى تاپشۇرۇۋالغاندا ئورۇن بەلگىلەشنىڭ ئورتاقلىشىشىنى ئاچسىڭىز بولىدۇ، يەنە «ئائىلە بوشلۇقى» بېتىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستىدىكى «ماڭا ئەگەشكۈچىلەر» تىزىملىكىدىن كونكرېت ئەگەشكۈچىنى تاللاپ، ئورۇن بەلگىلەش ئىجازىتى ۋە بۇ ئىجازەتكە بەرگەن مەلۇمات تۈرىنى باشقۇرسىڭىز بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى مۇلازىمىتېرغا يۈكلىمىسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلمەيسىز.

توپ مۇلازىمىتى: بىز يەنە چېنىقىش ئۇچۇرىڭىزنى، ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىزنى ۋە توپ ئۇچۇرىڭىزنى يىغىپ توپ مەلۇماتىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق توپتىكى رەت تەرتىپىڭىزنى بىلدۈرىمىز، قەدەم سانىڭىز، چېنىقىش تۈرى، چېنىقىش ۋاقتى، چېنىقىش ئارىلىقى قاتارلىق ھەرىكەت مەلۇماتلىرىڭىزنى توپ ئىچىدە ئورتاقلىشىش ئارقىلىق، ئۆزىڭىزنى تېخىمۇ چۈشىنىشىڭىزگە ۋە ئېلھاملاندۇرۇشىڭىزغا ياردەم بېرىمىز. توپ سىرتىدىكى ئەزالار شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى كۆرەلمەيدۇ، سىز توپتىن چېكىنىش ئارقىلىق بۇ مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىشنى ئاخىرلاشتۇرسىڭىز بولىدۇ. شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى مۇلازىمىتېرغا يۈكلىمىسىڭىز، بۇ ئىقتىدارنى ئىشلىتەلمەيسىز.

ئۇتۇق سىستېمىسى مۇلازىمىتى: مۇلازىمەتلەرنى ئۇتۇق سىستېمىسى مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، تەنتەربىيە-ساغلاملىق تارىخىي مەلۇماتىڭىزغا ئاساسەن، دەرىجە، ك-نومۇر، نەتىجە مۇلازىمىتىڭىز ۋە ھەپتىلىك/ئايلىق/يىللىق دوكلات مۇلازىمىتىڭىزنى ھاسىل قىلىپ، رىغبەتلەندۈرۈش شەكلىدە ئىشلەتكۈچىلەرگە مەۋھۇم مېدال تارقىتىشىمىز مۇمكىن. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلىمىسىڭىز، سىزنى ئۇتۇققا ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىيەلمەيمىز.

توردىكى پائالىيەت مۇلازىمىتى: توردىكى پائالىيەت مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، باش سۈرەت، نام ۋە ئالاقىدار چېنىقىش ۋە ساغلاملىق مەلۇماتىڭىزنى ئىشلىتىمىز. باش سۈرەت، نام بولسا پائالىيەتتە رەت تەرتىپىنى كۆرسىتىشكە، چېنىقىش ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرى بولسا پائالىيەت نەتىجىسىنى ھېسابلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. مۇسابىقىگە قاتنىشىش ئۇچۇرىنى تاماملاش ياكى مۇكاپات ئېلىشقا ئىشلىتىش ئۈچۈن، پائالىيەتكە قاتناشقاندا، ئىسىم-فامىلە، ئادرېس ۋە تېلېفون نومۇرىڭىزنى كىرگۈزۈشىڭىز مۇمكىن. ئەپتە «بايقاش» > «پائالىيەت» كە كىرىپ، ئاندىن مۇناسىۋەتلىك پائالىيەت تەپسىلاتى بېتىگە كىرىپ، «پائالىيەتتىن چېكىنىش» نى چېكىپ بۇ پائالىيەتتىن چېكىنسىڭىز ھەمدە پائالىيەت مەلۇماتىڭىزنى توپلاشنى توختاتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپنىڭ پائالىيىتىگە قاتنىشىشنى تاللىسىڭىز، ئۈچىنچى تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلىرىڭىزغا ئېرىشىشىگە ئوچۇق ئىجازەت بېرىشىڭىز كېرەك، كىرگۈزگەن ئۇچۇرلىرىڭىز ئۈچىنچى تەرەپ مۇلازىمىتېرىدا ساقلىنىدۇ.

يوۋشۈەن بازىرى مۇلازىمىتى: تاللانغان بازار مۇلازىمىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» دا خۇاۋېي بازىرى ۋە مىياۋجيەنكاڭ بازىرى توپلاشتۇرۇلغان، مىياۋجيەنكاڭ بازىرىنى بېيجىڭ مىياۋيىجيا ئۇچۇر تېخنىكىسى چەكلىك شىركىتى تەمىنلىگەن. بازاردا ئورتاقلىشىشقا ياكى تاپشۇرۇشقا ئىجازەت بەرگەن شەخسىي ئۇچۇر ۋە مەخپىيەتلىك قوغداش تۈزۈمىنى خۇاۋېي بازىرى ۋە مىياۋجىيەنكاڭ بازىرى تەمىنلەيدۇ، بازارنى تۇنجى قېتىم زىيارەت قىلغاندا تەپسىلىي ئوقۇڭ ۋە قوشۇلۇشقا ئىجازەت بېرىڭ. ئەگەر مال سېتىۋالغان بولسىڭىز، تېز يوللانما ئۇچۇرىڭىزنى كىرگۈزۈپ سېتىۋېلىشنى تاماملاڭ، بۇ مەلۇماتلار ۋە زاكاز ئۇچۇرىڭىز خۇاۋېي بازىرى ياكى مياۋجيەنكاڭ بازىرى مۇلازىمىتېرىدا ساقلىنىدۇ، كونكرېت تەپسىلاتىنى مۇناسىۋەتلىك مەخپىيەتلىك تۈزۈمىدىن كۆرۈڭ.

1.8 تەسىراتنى ياخشىلاش

مودېل ۋە ھېسابلاش ئۇسۇلىمىزنى ئەلالاشتۇرۇپ، چېنىقىش تەسىراتىڭىزنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ئۈچۈن، چېنىقىش ئۇچۇرلىرىڭىز بەلگىسىزلەندۈرۈلگەندىن كېيىن مەشىق ئىستاتىستىكىسى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. بۇ خىل ئۇچۇرلارنى تەمىنلەشنى خالىمىسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئىستاتىستىكا ئۈچۈن مەلۇمات ئىشلىتىش» تىن بۇ ئىقتىدارنى ئېتىڭ، بۇ مۇلازىمەتنىڭ باشقا ئىقتىدارلىرىنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

1.9 ئۇسلۇب مۇلازىمىتى

قىسىمەن تاقىما ئۈسكۈنىلەر مۇزىكا قويۇش مۇلازىمىتى ۋە سائەت يۈزى مۇلازىمىتىنى قوللايدۇ، بىز ھېسابات ئۇچۇرىڭىز، MAC ئادرېسى ۋە ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى ئارقىلىق مۇزىكا ھۆججىتى ۋە سائەت يۈزى رەسىمىگە ئېرىشىشىمىزگە قولايلىق يارىتىمىز ھەمدە بۇ مەلۇماتلارنى بىخەتەر يول بىلەن تاقىما ئۈسكۈنىلەرگە يوللايمىز. تېخىمۇ تەپسىلىي چۈشەندۈرۈشىنى «مۇزىكا ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» ياكى «خۇاۋېي ئۇسلۇبى ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» تىن كۆرۈڭ.

2 ئۈسكۈنە ئىجازىتىنى يۆتكەپ ئىشلىتىش

بوشلۇق ئىجازىتى: ئورتاقلىشىش، تىترەپ قەدەم ساناش ياكى ئۈسكۈنە قوشۇش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندە، ئەپ ئىشلىتىش ئۇچۇرى، رەسىم، سىن ۋە قەدەم سانى ئۆتكۈنچى مەلۇماتىنى ئوقۇش ياكى يېزىش ئۈچۈن، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللىسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (iOS نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

كامېرا ئىجازىتى: ئىككىلىك كودنى سايىلەش ئارقىلىق ئۈسكۈنىگە ئۇلاش، ئىمتىياز ئېچىش، رەسىمگە تارتىش ياكى توپ ئىقتىدارىنى ئىشلەتكەندە، سۈرەتكە تارتىشنى تاماملاش ئۈچۈن سىزدىن بۇ ئىجازەتنى ئىلتىماس قىلىمىز ۋە ئۇنىڭغا ئېرىشىمىز. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئورۇن ئىجازىتى: بىر قېتىملىق ھەرىكەتنىڭ ئىز رەسىمىنى ھاسىل قىلىش، كۆكچىش جۈپلەش، ھاۋارايى ئۇقتۇرۇشى قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، بۇ ئىجازەتنى ئېچىشنى تاللاپ، نۆۋەتتىكى ئورۇن ئۇچۇرىڭىزنى جەزملەشتۈرۈشكە ئىشلەتسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

تېلېفون ئىجازىتى: باغلانغان ئۈسكۈنىلەر بىلەن جۈپلىگەندە ياكى تاقىما ئۈسكۈنىلەردە تېلېفون قوبۇل قىلغاندا، تېلېفوننى رەت قىلغاندا، تېلېفون كەلگەنلىك ئۇچۇرىنى قوبۇللاش قاتارلىق ئىقتىدارلارنى ئىشلەتكەندە، بىر قىسىم تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى تېلېفون ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىش كېرەك، بۇ ئارقىلىق تېلېفون ھالىتىگە ئېرىشسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر بۇ ئىجازەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (iOS نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

مىكروفون ئىجازىتى: سىز تاقىما ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ ئاۋازلىق بۇيرۇق چۈشۈرگەندە ياكى ئۈن ئېغىزى ئارقىلىق مەلۇمات يوللىغاندا، بىر قىسىم تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى مىكروفون ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (iOS نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىجازىتى: تاقىما ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ ئېلىنمىغان تېلېفون نومۇرىنى يوللاش، ئاۋاز ۋە سۆزلىشىش يولىنى تىزگىنلىگەندە، بىر قىسىم تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى سۆزلىشىش خاتىرىسى ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (iOS نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

ئالاقىداش ئىجازىتى: تاقىما ئۈسكۈنە ۋە توپقا ئالاقىداش قوشۇش مۇلازىمىتىنى ئىشلەتكىنىڭىزدە، ئالاقىداشلارنى تاقىما ئۈسكۈنىلەرگە تېز كىرگۈزۈپ سۆزلىشىش ياكى توپ ئەزاسى ئۇچۇرىنى قوشۇش ئۈچۈن، بىر قىسىم تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى ئالاقىداش ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.

ئۇچۇر ئىجازىتى: تاقىما ئۈسكۈنىلەرنى ئىشلىتىپ كەلگەن تېلېفوننى رەت قىلغىنىڭىزدا ياكى ئۇچۇر يوللىغىنىڭىزدا، ئۇچۇرنى بەلگىلەنگەن ئالاقىداشقا ئەۋەتىش ئۈچۈن، بىر قىسىم تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرى ئۇچۇر ئىجازىتىنى زىيارەت قىلىشى كېرەك. ئەگەر بۇ مۇلازىمەتكە ئېھتىياجلىق بولمىسىڭىز، بۇ ئىجازەتنى خالىغان ۋاقىتتا ئەتسىڭىز بولىدۇ، بۇ باشقا مۇلازىمەتلەرنى ئىشلىتىشىڭىزگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ. (iOS نى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)

خالىغان ۋاقىتتا سىستېمىدىكى «تەڭشەك» نى زىيارەت قىلىپ بۇ ئەپنىڭ ئىجازىتىنى باشقۇرالايسىز.

3 ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش

ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، سىز ئۈچۈن خاسلاشتۇرما تەۋسىيە مۇلازىمىتى تەمىنلەيمىز. بىز سىزنىڭ جىنس، ياش، خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى، ھەرىكەت ئۇچۇرى، ئەپ ئىشلىتىش ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئەزالىق ئىمتىيازى ھەمدە خۇاۋېينىڭ باشقا مۇناسىۋەتلىك ئەپلىرىدىكى مەلۇمات قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، سىز ئۈچۈن بۇ ئەپ ۋە خۇاۋېينىڭ باشقا ئەپلىرىدە مۇۋاپىق مەزمۇنلارنى تەۋسىيە قىلىمىز (ئېلاننى ئۆز ئىچىگە ئېلىشى مۇمكىن). بۇ يانفون، تاختا كومپيۇتېر ئۇقتۇرۇش بالدىقى ياكى ئەپ ئىچىدىكى خەۋەر ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق سىزنى تېخىمۇ ياخشى ئىشلىتىش تەسىراتى ۋە تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۇچۇرى، ئاڭلىق تەۋسىيە، دەرس تەۋسىيەسى قاتارلىق خاسلاشتۇرما مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەشنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش» ئۈزچاتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ. «ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش» نى ئەتكەندىن كېيىن، يەنىلا «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» غا مۇناسىۋەتلىك تەۋسىيە مەزمۇننى تاپشۇرۇۋالىسىز، ئەمما شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئانالىز قىلىپ خاسلاشقان مەزمۇن ئەۋەتمەيدۇ.

بۇنىڭ ئۈچۈن، بىز يەنە سىزنىڭ جىنس، ياش، خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى، ھېسابات ئۇچۇرى، ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىز قاتارلىقلارنى ئىشلىتىپ، سىز ئۈچۈن سىزگە ماس كېلىدىغان ساغلاملىق مەسلىھەتى ۋە سودا مۇلازىمىتى تەۋسىيە قىلىمىز. بۇ ئىقتىدار سىز ئىجازەت بەرگەندىن كېيىن ئېچىلىدۇ، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ خاسلاشتۇرما تەۋسىيەسى» ئۈزچاتى ئارقىلىق مۇناسىۋەتلىك ئىقتىدارنى ئەتسىڭىز بولىدۇ. «ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ خاسلاشتۇرما تەۋسىيەسى» نى ئەتكەندىن كېيىن، ئىشلەتكۈچىنىڭ خەتكۈچى بويىچە خاسلاشتۇرۇپ تەۋسىيە قىلىنغان ساغلاملىق مۇلازىمىتىنى تاپشۇرۇۋالالمايسىز، ئەگەر ساغلاملىق مۇلازىمىتى ئىشلەتكۈچىنىڭ خەتكۈچىنى پەرقلەندۈرمىگەن بولسا، سىز يەنىلا «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» غا ئالاقىدار ساغلاملىق مۇلازىمىتى تەۋسىيەسى تاپشۇرۇۋالىسىز. ئەگەر ھېچقانداق ئۇچۇر، سەكرىمە كۆزنەك قاتارلىقلارنى قوبۇللاشنى خالىمىسىڭىز، «تەڭشەك» > «ئۇچۇر باشقۇرۇش» > «سەكرىمە كۆزنەك ئۇچۇرى» قاتارلىق ئۇسۇللاردا ئۇچۇرلارنىڭ يوللىنىشىنى ئەتسىڭىز بولىدۇ.

4 ئېلان ۋە بازار ئېچىش

ماقۇللۇقىڭىزنى ئالغاندىن كېيىن، سىز ئۈچۈن خاسلاشقان سودا ئېلانى تەمىنلەيمىز. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۈسكۈنە ۋە ئىشلىتىش ئۇچۇرى (ئۈسكۈنە پەرقلىگۈچ، مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ تەڭشەك ئۇچۇرى، ئۈسكۈنىنىڭ قاتتىق دېتال ئۇچۇرى، ئەپنىڭ ئاساسىي ئۇچۇرى ۋە ئىشلىتىش ئۇچۇرى، تور ئۇچۇرى، يۈرۈتكۈچى ئۇچۇرى، خۇاۋېي ھېسابى ئۇچۇرى) ۋە سىز بىلەن خۇاۋېي ئېلان سۇپىسى قويغان ئېلان ئارىسىدىكى ئالاقە ئۇچۇرىنى توپلاپ بىر تەرەپ قىلىمىز ھەمدە يۇقىرىدا دېيىلگەن دائىرىدە ئېلان ھەمكارلاشقۇچىلىرىمىز بىلەن ئورتاقلىشىمىز. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچى» دىكى مۇلازىمىتېرغا 2 يىل ساقلىنىدۇ. خاسلاشتۇرما ئېلاندا شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىزنى قانداق توپلايدىغانلىقىمىز ۋە ئىشلىتىدىغانلىقىمىزنى چۈشىنىش ئۈچۈن «ئېلان ۋە مەخپىيەتلىك ھەققىدە بايانات» نى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

خۇاۋېي ئېلان سۇپىسى سىز خۇاۋېيغا (بالا شىركەتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تەمىنلىگەن شەخسىي ئۇچۇرىڭىز بىلەن ئىشلەتكۈچىلەر گۇرۇپپىسى قۇرىدۇ (يەنى ئېلان تۈرلەيدۇ)، ئالاھىدىلىكى ئوخشاپ كەتكەن كىشىلەرنى بىر توپ قىلىدۇ، ھەم بۇ توپلار ئارقىلىق نىشانلىق ئېلان تارقىتىدۇ. ئۇچۇرىڭىز قايسى توپقا كىرىشىڭىزنى، ھەمدە ماس ھالدا قانداق ئېلان قوبۇللىشىڭىزنى بەلگىلەيدۇ. مەخپىيەتلىكىڭىزنى قوغداش ئۈچۈن، ئۇچۇرىڭىزنى ئىنچىكە تۈرلىگەن ۋاقىتتا، سىز تۇرغان گۇرۇپپىدا كەم بولغاندا 5000 ئادەم بولۇشى كېرەك.

خاسلاشتۇرما ئېلاننى چەكلىمەكچى بولسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش» غا كىرىپ، «ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش» نى ئەتسىڭىز بولىدۇ. خاسلاشتۇرما ئېلاننى چەكلىگەندىن كېيىن، يەنىلا ئوخشاش مىقداردىكى ئېلان تاپشۇرۇۋېلىشىڭىز مۇمكىن، ئەمما ئېلانلارنىڭ ماسلىق دەرىجىسى تۆۋەنلەيدۇ.

5 قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش

بىز قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرىنى قوغداشقا ئىنتايىن ئەھمىيەت بېرىمىز، خۇاۋېي دۆلەتنىڭ قانۇن-نىزاملىرىنىڭ تەلىپىگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە مۇلازىمەت تەمىنلەيدۇ ۋە ئۇلارنى قوغدايدۇ. ئەگەر قۇرامىغا يەتمىگەن بولسىڭىز، ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيڭىز بۇ ئەپنى ئىشلىتىشىڭىزگە قوشۇلۇشى ۋە ھەمدە مۇناسىۋەتلىك ئەپنىڭ مۇلازىمەت شەرتلىرىگە قوشۇلۇشى كېرەك. ئاتا-ئانا ياكى باشقا ھامىيلار مۇۋاپىق ئالدىنى ئېلىش تەدبىرى قوللىنىپ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغدىشى ھەمدە ئەپ ئىشلىتىشنى نازارەت قىلىپ تۇرۇشى كېرەك.

بولۇپمۇ، سىز بالا بولسىڭىز (ئون تۆت ياشتىن تۆۋەن قۇرامىغا يەتمىگەنلەر)، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىشتىن بۇرۇن، ئاتا-ئانىڭىزغا ياكى باشقا ھامىيڭىزغا بۇ باياناتنى ۋە ئالاھىدە تۈزۈلگەن «خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ بالىلار مەخپىيەتلىكىنى قوغداش باياناتى» نى ئوقۇشنى ئۇقتۇرۇڭ. ئاتا-ئانىڭىز ياكى باشقا ھامىيڭىز قوشۇلغاندىن كېيىن ياكى يېتەكلچىلىكىدە، مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلىتىڭ ياكى بىزگە ئۇچۇر تەمىنلەڭ. ئەگەر سىز بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى ياكى ھامىيسى بولسىڭىز، ھامىيلىقىڭىزدىكى بالىنىڭ سىزنىڭ قوشۇلۇشىڭىز بىلەن ياكى يېتەكچىلىكىڭىزدە مۇلازىمىتىمىزنى ئىشلەتكەنلىكى ۋە بىزگە ئۇچۇر تەمىنلىگەنلىكىنى جەزملەشتۈرۈڭ.

بالىلارنى قوغداش ئۈچۈن، بالا ئىشلەتكۈچىلەر پەقەت بالا ھېسابىنىلا ئىشلەتسە بولىدۇ، ئاتا-ئانا ياكى ھامىيسى بالىلارنىڭ بالا ھېسابىنىلا ئىشلەتكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. بالا ھېسابىغا كىرگەندىن كېيىن، بۇ ئەپ خاسلاشتۇرۇلغان تەۋسىيە ۋە ئېلان ئۇقتۇرۇشلىرىنى ئەۋەتمەيدۇ؛ مەشغۇلاتقا مۇناسىۋەتلىك پائالىيەتلەر، مۇكاپات تارتىش، خەۋەر، مەلۇماتلارنى ئورتاقلىشىش قاتارلىق مەزمۇنلار يوشۇرىلىدۇ؛ ئەزالىق مۇلازىمىتىنىڭ مەزمۇنى يوشۇرۇن بولىدۇ؛ سودا ساراي، سائەت يۈزى ئۇسلۇبى قاتارلىقلارنى سىزنىڭ رۇخسىتىڭىزسىز سېتىۋېلىشقا بولمايدۇ.

6 ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلىشىش

سىزگە قىسمەن ئىقتىدارلارنى تەمىنلەش ئۈچۈن، مەسىلەن ئىجتىمائىي ئالاقە ئورتاقلىشىش، ساغلاملىق باشقۇرۇش مۇلازىمىتى، ھەرىكەت ئىزى خاتىرىسى، يۈرەك ساغلاملىقى تەتقىقاتى، قان تومۇر ساغلاملىقى تەتقىقاتى قاتارلىقلار، بۇنىڭ ئۈچۈن شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۈچىنچى تەرەپكە تەمىنلىشىمىز كېرەك. مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىز ۋە مەخپىيەتلىكىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ھەمكارلاشقۇچىلار بىلەن مەلۇمات بىخەتەرلىكىنى قوغداش كېلىشىمى تۈزۈپ، ئۇلارنىڭ مەلۇماتىڭىزنى قوغداش مەسئۇلىيىتى، مەجبۇرىيىتى ۋە تەلەپلەرنى ئايدىڭلاشتۇردۇق. تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن ئورتاقلاشقان ئۇچۇر تىزىملىكىدىن كۆرۈڭ.

7 ئۈچىنچى تەرەپ SDK سى

سىزگە قىسمەن مۇلازىمەتلەرنى تەمىنلەش ئۈچۈن، مەسىلەن ئۈچىنچى تەرەپ تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىلىرىنىڭ مەلۇمات توپلاش، ئىجتىمائىي ئالاقە ئورتاقلىشىش، ئۇچۇر يوللاش ۋە خەرىتىدە ئورۇن بەلگىلەش قاتارلىقلار، بىز ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ يۇمشاق دېتال ئېچىش قوراللىرى بوغچىسى (قىسقارتىلىپ « SDK» دېيىلىدۇ) ياكى باشقا شۇنىڭغا ئوخشاش ئەپلەرنى توپلاشتۇردۇق. تېخىمۇ كۆپ تەپسىلاتىنى ئۈچىنچى تەرەپ SDK تىزىملىكىدىن كۆرۈڭ.

8 شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى باشقۇرۇش

خۇاۋېي سىزنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلارغا كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقىڭىزنى ئىنتايىن ھۆرمەتلەيدۇ ھەمدە سىزگە تۆۋەندىكى مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقى ۋە تاللىشىنى تەمىنلەيدۇ.

8.1 ئۇچۇر زىيارەت قىلىش

«خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» نى قاچىلاپ كىرگەندىن كېيىن، ساغلاملىق بۇلۇتىدا ساقلانغان شەخسىي ئۇچۇرلىرىڭىز ئۆزلۈكىدىن چۈشۈرۈلۈپ تېلېفون ياكى تاختا كومپيۇتېرغا ماسقەدەملىنىدۇ.

«خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپىدە، مەلۇمات كارتىسى ئارقىلىق چېنىقىش ئۇچۇرىڭىز ۋە ساغلاملىق ئۇچۇرىڭىزنى زىيارەت قىلالايسىز، بۇ قەدەم سانى كارتىسى، چېنىقىش كارتىسى، ئۇخلاش كارتىسى، يۈرەك رىتىمى كارتىسى، بەدەن ئېغىرلىقى كارتىسى، قان بېسىمى كارتىسى، قان شېكىرى كارتىسى، قاندىكى ئوكسىگېن كارتىسى ۋە ئۈسكۈنە بېتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

سىز «مېنڭ» بېتىگە كىرىپ، باش سۈرەتنى چېكىپ ھېسابات مەركىزىگە كىرىپ، «مەخپىيەتلىك مەركىزى»> «مەلۇماتىڭىزنى بىر نۇسخا ئېلىش» نى چىكىپ، ياكى كومپيۇتېرىڭىز ياكى كۆچمە تور كۆرگۈچىڭىزدە خۇاۋېي ھىسابىڭىز بىلەن خۇاۋېي مەخپىيەتلىك قورالى تور بېكىتى (https://privacy.consumer.huawei.com/tool) گە كىرىپ، ئاندىن «مەلۇماتىڭىزنى بىر نۇسخا ئېلىش» نى چېكىپ، خۇاۋېي ھېسابىڭىزغا مۇناسىۋەتلىك شەخسىي ئۇچۇرلارنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسىغا ئېرىشەلەيسىز.

8.2 ئۇچۇر ئۆچۈرۈش

مەلۇمات بىخەتەرلىكىڭىز ئۈچۈن، مەلۇماتىڭىز ھېسابات بىلەن باغلىنىپ، تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىڭىز مەخپىيلەشتۈرۈلۈپ «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» بۇلۇت مۇلازىمىتېرىغا ئەۋەتىلىپ ساقلىنىدۇ، خالىغان «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» قا كىرىپ، تەنتەربىيە-ساغلاملىقنىڭ بۇلۇتتىكى مەلۇماتلىرىنى ئۆچۈرسىڭىز بولىدۇ، مەلۇماتلار ئۆچۈرۈلگەندىن كېيىن قايتۇرۇۋالغىلى بولمايدۇ. ياكى سىز ھېساباتنى ئۆچۈرگەندە مەلۇماتلىرىڭىزمۇ بىللە ئۆچۈرۈلىدۇ. ئۆچۈرۈش بىلەن بىرگە تەنتەربىيە-ساغلاملىق مەلۇماتىنى بۇلۇتقا ماسقەدەملەشمۇ ئېتىلىدۇ، يانفون ياكى تاختا كومپيۇتېر يەرلىكىدىكى مەلۇماتلار يەنىلا ساقلىنىدۇ.

«خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» ئەپى ئىچىدىكى پائالىيەت بېتىدىن پائالىيەتتىن چېكىنىشنى تاللاش ئارقىلىق ئىلگىرى قاتناشقان پائالىيەت خاتىرىسىنى تازىلىسىڭىز بولىدۇ.

يانفون/تاختا كومپيۇتېر تەڭشىكى ئىچىدىكى بارلىق «خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى» مەلۇماتلىرىنى تازىلاش ئارقىلىق يەرلىكتىكى تەنتەربىيە ۋە ساغلاملىق مەلۇماتلىرىنى تازىلىسىڭىز بولىدۇ.

سىز يەنە ھېساباتىڭىزنى ئۆچۈرۈش ئارقىلىق ھېساباتىڭىزغا باغلانغان خۇاۋېي تەنتەربىيە-ساغلاملىقى، ساغلاملىق (Health Kit) ۋە باشقا مۇلازىمەتنىڭ مەلۇماتلىرىنى ئۆچۈرەلەيسىز.

8.3 ئۇچۇر تۈزىتىش

«مېنىڭ» بېتىدىن نام، باش سۈرەت، جىنس، تۇغۇلغان ۋاقىت، بوي ئېگىزلىك، بەدەن ئېغىرلىق قاتارلىقلارنى ئۆزگەرتىپ يېڭىلىيالايسىز، ئۇنىڭ ئىچىدە يانفون، تاختا كومپيۇتېر ياكى تەنتەربىيە-ساغلاملىق ئۈسكۈنىسىدىن ئۆزلۈكىدىن ئېرىشكەن مەلۇماتلارنى تەھرىرلەپ يېڭىلاش ئىقتىدارى بىلەن تەمىنلىمەيدۇ.

8.4 ماقۇللۇقنى قايتۇرۇۋېلىش

ئەگەر قوشۇلما مۇلازىمەتنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «تەنتەربىيە-ساغلاملىق قوشۇلما مۇلازىمىتى» بابىدىن پايدىلىنىپ، مۇناسىپ مۇلازىمەتكە بەرگەن ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر تەسىراتنى ياخشىلاشنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئىستاتىستىكا ئۈچۈن مەلۇمات ئىشلىتىش» قا كىرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر خاسلاشتۇرما تەۋسىيەنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ئۆزگىچە مەزمۇننى تەۋسىيە قىلىش» قا كىرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر ساغلاملىق مۇلازىمىتى خاسلاشتۇرما تەۋسىيەسىنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «ساغلاملىق مۇلازىمىتىنىڭ تەۋسىيەسى» قا كىرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

ئەگەر ئۈچىنچى تەرەپ بىلەن مەلۇمات ئورتاقلىشىشقا بەرگەن ئىجازەتنىڭ ماقۇللۇقىنى قايتۇرۇۋالماقچى بولسىڭىز، «مېنىڭ» > «مەخپىيەتلىك باشقۇرۇش» > «مەلۇمات ئورتاقلىشىش ۋە ئىجازەتلەش» كە كىرىپ ماقۇللۇقىڭىزنى قايتۇرۇۋالسىڭىز بولىدۇ.

مەلۇمات سۇبيېكتلىق ھوقۇقىغا ئالاقىدار ھەرقانداق سوئال ياكى تەكلىپ-پىكرىڭىز بولسا، بۇ باياناتنىڭ «بىز بىلەن ئالاقىلىشىش» بابىدىكى ئۇسۇلدا بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئالاقىدار ھوقۇقىڭىزنى يۈرگۈزۈڭ.

9 ئۇچۇر ساقلاش ئورنى ۋە مۇددىتى

يۇقىرىقى ئۇچۇرلار جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى چېگراسى ئىچىدىكى مۇلازىمىتېرغا يوللىنىپ ساقلىنىدۇ.

شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى بۇ باياناتتىكى مەقسىتىمىزنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر ۋاقىت ئىچىدە ساقلايمىز ھەمدە تۆۋەندىكى ساقلاش مۇددىتىدىن ئېشىپ كەتسە، شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز، قانۇن-بەلگىلىمىلەردە باشقىچە تەلەپ قىلىنغانلىرى بۇنىڭ سىرتىدا.

رايسىناش سوئالى كەسپىدە ئېرىشكەن سوئال ئۇچۇرى ۋە دەرىجە ئۆستۈرۈش مۇلازىمىتىدە ئېرىشكەن ئۈسكۈنە ئۇچۇرى، توپلانغان كۈندىن باشلاپ ئالتە (6) ئاي ساقلىنىدۇ ياكى سىز ھېساباتنى ئۆچۈرگەندە، مەلۇماتىڭىزمۇ بىرگە ئۆچۈرۈلىدۇ.

ئىشلەتكۈچى تەسىراتىنى ياخشىلاش مۇلازىمىتىدە ئىستاتىستىكىلاپ ئانالىز قىلىش ۋە مەھسۇلات ياخشىلاشقا ئىشلىتىلىش ئۈچۈن ئېرىشىلگەن شەخسىي ئۇچۇرلار توپلانغان كۈندىن باشلاپ بىر (1) ساقلىنىدۇ.

مەسىلە ۋە تەكلىپ كەسپىدىن ئېرىشكەن ئانالىز قىلىش ۋە ئورۇن بەلگىلەشكە ئىشلىتىدىغان خاتىرە ئۇچۇرلار: خاتىرە خۇاۋېي مۇلازىمىتېرى (ھۆججەت خاتىرە مۇلازىمىتېرى) دا يەتتە (7) كۈن ساقلىنىدۇ، خاتىرىدىن باشقا مەلۇماتلارنىڭ ساقلىنىش ۋاقتى ئىككى (2) يىل بولىدۇ.

سىز قاتناشقان پائالىيەت مەلۇماتى ۋە چەك تارتىشقا مۇناسىۋەتلىك مەلۇماتلار پائالىيەت ئاخىرلاشقاندىن باشلاپ ئىككى (2) يىل ساقلىنىدۇ.

ئەزالىق مۇلازىمىتىدىكى ئېتىبار بېلىتى ئۇچۇرىڭىز، مۇئامىلە خاتىرىسى ۋە زاكاز خاتىرىڭىز توپلانغان كۈندىن باشلاپ يەتتە (7) يىل ساقلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن باشقا، مەھسۇلات ياكى مۇلازىمىتىمىزدە تىجارەتتىن توختاش ئەھۋالى كۆرۈلسە، ئىتتىرمە ئۇقتۇرۇش، ئېلان قىلىش قاتارلىق ئۇسۇلدا سىزگە ئۇقتۇرىمىز، ھەمدە مۇۋاپىق مۇددەت ئىچىدە شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى ئۆچۈرىمىز ياكى نامسىزلاشتۇرۇپ بىر تەرەپ قىلىمىز.

10 بىز بىلەن ئالاقىلىشىش

شەخسىي ئۇچۇر قوغداش مەخسۇس تارمىقى ھەمدە شەخسىي ئۇچۇر قوغداشقا مەسئۇل خادىم تەسىس قىلدۇق، مەخپىيەتلىك مەسىلىلىرى بېتى ئارقىلىق بىز بىلەن ئالاقىلەشسىڭىز بولىدۇ، تېز جاۋاب قايتۇرىمىز.

جاۋابىمىزدىن رازى بولمىسىڭىز، بولۇپمۇ شەخسىي ئۇچۇرلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىز قانۇنلۇق ھوقۇقىڭىزغا زىيان يەتكۈزگەن بولسا، باشقۇرۇش تەۋەلىكى ھوقۇقى بار بولغان خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنۇش، كەسىپ باشقۇرۇش جەمئىيىتى ياكى ھۆكۈمەت ئورۇنلىرىغا ئىنكاس قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللاردا ھەل قىلسىڭىز بولىدۇ. مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالاقىدار شىكايەت قىلىش يولىنىڭ ئۇچۇرىنى بىزدىن بىلىۋالسىڭىز بولىدۇ.

خۇاۋېي ئىزچىل بىزنىڭ مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزگە بويسۇنۇپ شەخسىي ئۇچۇرىڭىزنى توپلايدۇ ۋە ئىشلىتىدۇ. ئالاقىدار مەخپىيەتلىك تۈزۈمىمىزنى خۇاۋېي ئىستېمالچىلار مۇلازىمىتىنىڭ مەخپىيەتلىك باياناتى<دىن ئوقۇسىڭىز بولىدۇ.